مەن مۇنبىرىمىزنىڭ قايتا ئۆزگەرگەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم، ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىقى بويىچە قوللۇنۇپ سىناپ باقماقچى بولدۇم، شۇنىسى مۇنبەر يېزىق رايونىدىكى ئوڭ تەرەپتىن يېزىلىش كۇنۇپكىسىنى ئىشلەتكىنىمدە خەت يەنىلا سول تەرەپتىن باشلىنىپ مېڭىۋەردى، خەتنى ئوتتۇرىدىن باشلاپ يازىدىغان كونۇپكىنى ئىشلەتكىنىمدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبىرىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بۇ كىچىككىنە مەسىلىلەرنىمۇ ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلساق ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت، ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنسا ۋە مۇنبەرنىڭ بارلىق نۇقتىلىرى ئۇيغۇر يېزىقىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىلىرسە ،بۇندىن كىيىنكى مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن زور غەلبە ھېسابلىنىدۇ. رەھمەت
ھۆرمەت بىلەن : پانتېكىن